شىنخۇا تورى ئېرۇسالىم 14–ئىيۇن تېلېگراممىسى : ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ 14–ئىيۇن ئىسرائىلىيە تەرەپ پەلەستىن بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ، ھەربىي ئىشلاردىن خالىي بولغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
نېيتانىياخۇ شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت—Bar Ilan ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ ، پەلەستىن تەرەپ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قانداق ئالدىنقى شەرت قويۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا تىنچلىق سۆھبىتىنى دەرھال قايتا باشلىشىغا قوشۇلۇشىنى ، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ يېقىندا ئىمزالانغان خەلقئارا كېلىشىمگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، باشقا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ يەنە ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇسى يوقلىقىنى ، بەلكى ئىككى مىللەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۈرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
نېيتانىياخۇ شۇ كۈنى كەچتە تۇنجى قېتىم ، ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بازىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن . ئۇ يەنە ، ئەگەر پەلەستىن ھەربىي قىسىم قۇرماسلىققا ۋەدە بەرسە ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان چارە تەدبىرلەرنى قوللانسا ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىسرائىلىيىنىڭ يەھۇدى مىللىتى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسا ، ئۇنداقتا ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ يېنىدىلا بىر ھەربىي ئىشلاردىن خالىي بولغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
نېيتانىياخۇ يەنە ، ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .