ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىش ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي دېگەن قارىشىمىزدا چىڭ تۇرساقمۇ، پەلەستىن بىلەن سۆزلىشىشنى يەنىلا خالايمىز.
ئىسرائىلىيە ھەربىي رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 19 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدا ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشى، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ، پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى يەنىلا خالايمىز، دەپ بايانات ئېلان قىلغان. خەۋەردە: زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ باياناتى نېتانىياخۇنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ بارا – بارا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دېيىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نېتانىياخۇ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پەلەستىن ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلسا، ئاندىن سۆھبەتلىشىمىز، دەپ ئىزچىل چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن سۆھبىتىگە قويۇلغان ئالدىنقى شەرت ئىدى. لېكىن، ئوباما ھۆكۈمىتى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەم بىردىنبىر يولى، دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئەلچىسى مىچېل 16 – ئاپرېل ئىسرائىلىيىگە كەلگەندىن كېيىن نېتانىياخۇنىڭ تەشەببۇسىنى ئېنىق رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى پەلەستىن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باغلىۋېلىشقا قارشى تۇرغان. مىچېل يەنە: نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوباما زۇڭتۇڭ ‹‹ئىككى دۆلەت لايىھىسى›› نىشانىغا يېتىش، يەنى ‹‹پەلەستىن دۆلىتى بىلەن يەھۇدىيلار دۆلىتىنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشى›› ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا، دېگەن.