سىنگاپور ‹‹بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى لىبېرمان 24 – ماي ئىسرائىلىيىنىڭ چېگرا پىلانىدا 1967 – يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرىكى ئورۇنغا قايتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى، ئىسرائىلىيە ئىچكى كابىنېتىمۇ پەلەستىن زېمىنىدىكى يەھۇدى كۆچمەنلەر مۇستەملىكە رايونىنى چېقىش تەشەببۇسىغىمۇ قارشى چىقتى.
ئىسرائىلىيە 1967 – يىلىدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى، غەززە رايونى، گولان ئېگىزلىكى، شەرقىي يېرۇسالېم قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
ھازىر غەززەدىن باشقا رايونلار تېخىچە ئىسرائىلىيىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرماقتا، ئۇ يەردە 500 مىڭچە يەھۇدى كۆچمەن مۇستەملىكىچى بار.