قىرغىزىستان ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ

2011-07-05 17:23:51   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قىرغىزىستان قازمىچىلىق ساھەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا، خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ قېزىلما بايلىقلار دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قىرغىزىستاننىڭ ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 22 - ئورۇندا تۇرىدۇ، كەلگۈسىدە يەنە ئۆرلەش ئېھتىماللىقى زور.
      دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، قىرغىزىستان يىلىغا 18 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرالايدۇ. قىرغىزىستان ئالتۇن قازمىچىلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، خەلقئارا ئىشلار كومىتېتى قېزىلما بايلىقلار ساھەسىنىڭ ئەزاسى ئۇدكوكنىڭ قارىشىچە، ئەگەر رەت تەرتىپىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولىدىكەن، قىرغىزىستان چوقۇم 5 تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇندىشى كېرەك يەنى بىرىنچىدىن، ئالاقىدار قائىدە - قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قازمىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى ۋە قازمىچىلىقىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قازمىچىلىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. بەشىنچىدىن، كانلاردىكى قازمىچىلىق خىزمىتىگە كىرىشىشى كېرەك.