قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەردە يېمەكلىك باھاسى ئۆرلىدى

2011-07-05 16:21:51   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش قاتارلىق شەھەرلەردە بۇغداي، ئۇن، ئاق شېكەر، تۇزدىن ئىبارەت يېمەكلىك ۋە دورا - دەرمان تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇغداي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2010- يىلى 8 - ئايدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى بۇغداي ۋە ئۇننىڭ باھاسى 7 - ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %2.6ئۆسكەن، يىل بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %10 ئۆسكەن. بۇ خىل يۈزلىنىش ئاستىدا، ئوخشاش مەزگىلدە، شۇ جايدىكى ئاق شېكەر، تۇز قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %1.5ۋە %1.2 ئۆسكەن، يىل بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8 ۋە %6 ئۆسكەن.
      بۇ خىل يۈزلىنىشنى توسۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا قازاقىستاندىن 20 مىڭ توننا بۇغداينى تېزدىن سېتىۋېلىپ، نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي رايونلارنى تەمىنلەشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر كىلوگىرامى 10 سوم (يەرلىك پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 22 سېنت) بولغان باھا بويىچە قىرغىزىستان ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ قولىدىكى بۇغداينى سېتىۋېلىپ، بىرقەدەر تۆۋەن باھادا بازارغا سېلىپ، باھانىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى چەكلىدى. لېكىن ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بۇ تەدبىرگە نىسبەتەن پوزىتسىيەسى سوغۇق بولۇپ، تا ھازىرغا قەدەر ئاران1200  توننا بۇغداينى سېتىۋالالىدى.