4-ئىيۇل شوتلاندىيە سىتراتكلىد يېزىسىنىڭ باغچىسىدا پويىز ئالىنىش ئۇيۇنچۇقى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىپ 9ئادەم ھاۋا بوشلۇقىدا قالدى ،بۇ ئۇيۇننىڭ سائەتلىك تېزلىكى 40مىل بۇلۇپ شۇ يەردىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئۇيۇن ئىدى.
بۇ ئۇيۇننى ئوينۇغىچىلار بۇ خىل ۋەھىمىلىكنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئوينايتتى ، بۇ پويىز تېز سۈ رەتتە كېتىپ بېرىپ ھاۋا بوشلۇقىدىكى رېلىستا توختاپ قالغان .بۇ 9ئادەم چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن باشلاپ كەچ سائەت 8گىچە تۇرغان ئوت ئاپىتىدىن ساقلاش خادىملىرى كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالغان .
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇنداق ھادىسە بۇ باغچىدا بىرىنچى قېتىم كۆرۈنگەن ئەمەس ئىكەن ،2009-يىلى 6-ئايدىمۇ قارا قۇيۇن دەپ ئاتىلىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئۇيۇنچۇقمۇ ئوتتۇرلۇقتا توختاپ قېلىپ 5ئادەم ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ قالغان ئىكەن .