جۇڭگونىڭ ئۆي - زېمىن سودىگەرلىرى قىرغىزىستاندا جۇڭگولۇقلار مەھەللىسىنى قۇرماقچى

2011-06-30 16:54:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    يېقىندا، جۇڭگو خۇبېي جويۆ ئۆي - زېمىن تەرەققىيات شىركىتى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكېكتە قىرغىزىستان چۇ دەرياسى ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامەسىنى ئىمزالاپ، بىشكېك شەھىرىدە مەبلەغ سېلىپ قونالغۇ قىلىش ۋە سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېڭىچە مەھەللە قۇرۇش پىلانىنى بېكىتتى. ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، جويۆ شىركىتى لايىھەلەش ۋە قۇرۇش مەبلىغى ‹كونكرېت سوممىسى ھازىرچە بېكىتىلمىدى›، تېخنىكا، قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ قىرغىزىستان چۇ دەرياسى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش ئورنىنى تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ. يېڭى مەھەللە قىرغىزىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنى تۇرالغۇ ئۆي بىلەن ئالدىن تەمىنلەيدۇ، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ %10 ى چۇ دەرياسى ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەم ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرىدىكەن. بۇ گۇرۇپپا قۇرۇلۇش ئورنى ۋە مەبلەغ سوممىسىنى بېكىتىشكە، شۇنداقلا كېيىنكى قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.