رۇسىيەنىڭ ئولتۇراق ئۆي سودىسى ئاشتى
2011-06-30 16:53:29 ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى گۈلمىرە
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كۆچمەس مۈلۈكلەرنى تىزىملاش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا رۇسىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان خۇسۇسىيلار ئولتۇراق ئۆي سودا ئومۇمىي سانى 1 مىليون 163 مىڭ400يۈرۈشكە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %49 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە موسكا شەھىرىدىكى سودا مىقدارى 56 مىڭ 771 يۈرۈشكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %108 ئاشقان.
رۇسىيە موكىن ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات گۇرۇھى بازار ئانالىز بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تاگانوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا موسكۋانىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىدىكى كۆپ قىسىم سودا 3 - ئايدا تاماملاندى، شۇ ئايدىكى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا %70 ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېشىش دەرىجىسى ئايمۇ ئاي تۆۋەنلەپ باردى، يەنى 4 - ئايدا %14، 5 - ئايدا %5، 6 - ئايدا %7 بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2010 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا موسكۋادا تاۋار ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.7 ئۆرلىدى.
تاگانوۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە موسكۋا ئۆي مۈلۈك بازارلىرىدىكى مۇنداق كۈچلۈك جانلىنىش ئاساسەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئېھتىياجنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولغان، ھازىر بۇ خىل ئېھتىياج ئاساسەن قاندۇرۇلدى، بۇندىن كېيىن ئۆي مۈلۈك سودىسىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىشى مۇمكىن.