جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە بېيجىڭ - تاشكەنت بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئاچتى
2011-06-29 16:05:01 ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى
جۇڭگو جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ − تاشكەنت بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى. بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئاچقان بېيجىڭدىن بىۋاسىتە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇچىدىغان تۇنجى خەلقئارالىق ئۇچۇش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇچۇش لىنىيەسىگە ھەشىمەتلىك 300/200-330 تىپلىق بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپلەنگەن بولۇپ، ھەربىر ھەپتىدە 2 نۆۋەت، پەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۇچىدۇ.
2010 - يىلى 3 - ئايدا جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيەنىڭ ئۈرۈمچى - تاشكەنت ئۇچۇش لىنىيەسى ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن توختىتىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىدىن پەقەت ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بېيجىڭ - تاشكەنت ئۇچۇش لىنىيەسىلا قالغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىغا زور قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيەنىڭ بۇ بېيجىڭ - تاشكەنت بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئېچىشى يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ.