ئۆزبېكىستان توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى

2011-06-29 16:04:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   
T|T:خەت رەزمىرى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۆزبېكىستان 2015 - يىلىغا بارغاندا، قىممىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان توقۇلما بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىدىكەن. 2010- يىلى ئۆزبېكىستان ئەنئەنىۋى سېتىش بازىرى ‹تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى، شۇنداقلا يېڭىدىن قوشۇلغان جۇڭگو، ئىران، گېرمانىيە، ئىسرائىلىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ› غا قارىتىلغان توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت سوممىسى600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇندىن باشقا، ئۆزبېكىستان توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يەنە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 40 تىن ئارتۇق سودا ساراينى مال بىلەن تەمىنلىدى.
      يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا، ئۆزبېكىستاندا گېرمانىيە، شۋېيتسارىيە، ئىتالىيە، كورېيە، ياپونىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر مەبلەغ قوشقان 100 دىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق كارخانىسى قۇرۇلدى ھەمدە 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىندى.
      يېقىندا ئېچىلغان ئۆزبېكىستان 6 - نۆۋەتلىك خەلقئارا پاختا سودا يەرمەنكىسىدە، ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى مىرزايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزبېكىستاندا 240تىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق كارخانىسى بار بولۇپ، يىلىغا 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پاختا تالاسىنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدۇ. ئۆزبېكىستان2015 - يىلىغا بارغاندا، ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنىڭ %70 ىنى ئۆزى پىششىلاشنى پىلانلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2011 - يىلىدىن باشلاپ، تاشكەنت پاختىسى ۋە توقۇلما بۇيۇملار سودا يەرمەنكىسى بىلەن تاشكەنت خەلقئارا پاختىسى ۋە توقۇلما بۇيۇملار ۋەكىللەر يىغىنى بىرلەشتۈرۈلىدۇ.