مېكسىكىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلدى 
    2011-06-29 11:26:27   ئۈ رۈمچى كەچلىك گېزىت     
 
    مېكسىكائاخبارات ۋاستىلىرى  بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :ئون نەچچە قوراللىق ئۇنسۇر تۈنۈگۈن مېكسىكىنىڭ كاتىرىنا شەھرىدە بىر ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىپ ،ساقچى باشلىقىنى ئىشخانىسىدا ئېتىۋەتتى .
بىر ساقچى مۇنداق دېدى :ئەمەلىيەتتە شەھرىمىزدىكى ساقچى ئىدارىلىرى دائىم قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ،بۇنىڭغا ئەلۋەتتە مەملىكەت مىقياسىدا قوزغالغان زەھەرگە زەربە بېرىش ھەركىتى سەۋەب بولغان .