روسىيە پايتەختى موسكىۋا سوت مەھكىمىسى يۇقۇرى دەرىجىلىك جاسۇسى يالىسساندا بوجېيېف دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى .سوي مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 25يىللىق قاماق جازاسى بەردى .
سوت مەھكىمىسى يالىسساندا بوجېيېفنى يەنە روسىيەنىڭ مۇھىم ئاخباراتلىرىنى ئامېرىكىغا ئاشكارلىغان ، شۇنىڭ بىلەن 2010-يىلى 10نەپەر روسىيە گەرەجدانى ئامېرىكا تەرىپىدىن جاسۇس دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ ،ئاخىرىدا ئامېرىكا بىلەن روسىيە چوڭ تۈركۈمدە جاسۇس ئالماشتۇرغان .