تۈركمەنىستان ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستانغا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا

2011-06-28 14:58:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   
T|T:خەت رەزمىرى
       تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستاننىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستانغا ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئېكسپورت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە لايىھە تۈزۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. مارېخان ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ئافغانىستاننىڭ چېگرىسىغىچە بولغان 500 كىلوۋولتلىق ئېلېكتر لىنىيەسىنىڭ ياتقۇزۇلۇشى مانا بۇ زور تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
      ھازىرچە تۈركمەنىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئاساسەن ئىران، تۈركىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە تاجكىستانغىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۈركمەنىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنى ئېكسپورت قىلىش مىقدارى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.