ياش شەھەر ئاستانە
2011-06-27 16:04:43 ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى
چۆللىكتىن شەھەرگىچە
ئاستانەنىڭ ئەسلى نامى >ئاقمولا< بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم تۈگۈن ئىدى. قازاقىستاننىڭ زېمىنى ئاسىيا ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە تۇتۇشىدۇ، ئاستانە بولسا مانا مۇشۇ ئىككى قىتئە ئايرىلىدىغان لىنىيەگە يېقىن جايغا جايلاشقان.
1997 - يىلى ئاقمولا ئالمۇتانىڭ ئورنىدا قازاقىستاننىڭ ‹مەڭگۈلۈك پايتەختى› بولدى. شۇ يىلى قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ ئاقمولىنىڭ نامىنى ئاستانە دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. »ئاستانە« قازاق تىلىدا پايتەخت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
1995-يىلى نەزەربايېۋ پايتەخت كۆچۈرۈش ئويىنى ئەمدىلا ئوتتۇرىغا قويغان يىلى ئىدى. ئەينى چاغدا ئاقمولا پەيتەخت بولۇش شەرتلىرىنى ھەرگىزمۇ ھازىرلىيالمايتتى. چۈنكى شۇ چاغدا ئاقمولىدا ئاران 300 مىڭ ئاھالە، شەھەر ئىچىدە پەقەت بىرلا ئاساسلىق يول، يەنى بوز يەر ئاچقۇچىلار كوچىسى بارىدى، بۇنىڭدىن باشقا بۇ شەھەردە يازدا تومۇز ئىسسىق، قىشتا قەھرىتان سوغۇق بولاتتى. ئالاقە ئەسلىھەلىرىمۇ راۋان ئەمەس بولۇپ، ئوبلاست بويىچە پەقەت ئوبلاست باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدىكى تېلېفوندىلا خەلقئارالىق تېلېفون ئۇرغىلى بولاتتى.
1997 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قازاقىستان پايتەخت كۆچۈرۈش پىلانىنى رەسمىي يولغا قويدى، ئالمۇتا شەھىرى دۆلەتكە »بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر« بولۇشتەك ئالاھىدە ئورنىنى ساقلاپ قالدى. 2008- يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاقمولىنىڭ نامى ئاستانە دەپ ئۆزگەرتىلدى، شۇندىن ئېتىبارەن قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىدا يېڭدىن بىر بەت ئېچىلدى. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قازاقىستان پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ، ئەسلىدىكى »شەھەر كۈنى« نى دۆلەتلىك بايرام يەنى »پايتەخت كۈنى› قىلىپ بەلگىلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان ھۆكۈمىتى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان غايەت زور مەبلەغنى ئاجرىتىپ يېڭى پايتەختنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاستانەدىن ئىبارەت بۇ كىچىك شەھەرنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇردى. 1999 - يىلى ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاستانەنى ‹دۇنياۋى شەھەر› دەپ ئېلان قىلدى. 2008 - يىلى 4 - ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ‹مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى شەھەر› نى باھالاشتا، ئاستانە جەمئىي 16 تۈرلۈك مۇكاپاتنىڭ 9 تۈرىگە ئېرىشتى.
ئاستانە شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور چىكانايېۋ تونۇشتۇپ مۇنداق دېدى: ئاستانە قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قۇرغاق يايلاق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋا كىلىماتى ناچار. شەھەر ئاھالىلىرىنى ئازادە تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، گۈزەل ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇپلا قالماي، يەنە شەھەر مۇھىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. قازاقىستان ئاستانە شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلقئارادىن خېرىدار چاقىردى، شۇ نۆۋەتلىك خېرىدار چاقىرىشتا ياپونىيەلىك ئاتاقلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى خېيچۈەن جىجاڭ ئۆز لايىھەسىدىكى ئېكولوگىيەلىك كۆز قارىشىدا ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى »بىللە ياشاش نەزەرىيەسى« ئاستانەنىڭ شۇندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا رەڭ قوشتى.
خېيچۈەن جىجاڭ ئۆز نەزەرىيەسىدە ئادەم بىلەن تەبىئەت، شەھەر بىلەن تەبىئىيلىكنىڭ ماس ھالدا بىللە ياشىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ: شەھەرنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئورۇن قىلىپ قۇرۇپلا قالماي، يەنە ‹ھاياتلىقتىكى ئورگانىزم› قىلىپ قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خېيچۈەن جىجاڭ لايىھەلىگەن پىلانغا ئاساسەن، ئاستانەنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتكەن ئىشىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى شەھەرنىڭ ئوڭ ۋە سول بۆلىكى دەپ ئىككىگە ئايرىلدى، شەھەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىمۇ مۇشۇ ئىككى بۆلەككە ئاساسەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ ئاستانەنىڭ پىلان لايىھەسىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نەزەرىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى، شۇنداقلا ئاستانە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى نەچچە ئون مىڭ گېكتار يەرگە دەرەخ تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى، بۇ ئورماننى قازاقىستاندىكى داڭلىق ساناتورىيە بوروۋويې تەبىئىي ئورمانلىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئورمانلىقلار ئاستانەنى قۇم - شېغىللىق ناچار ھاۋادىن توسۇپلا قالماي، يەنە ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ مۇھىت ھازىرلايدۇ.
ئاستانەدىكى نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش ۋە ھازىر قۇرۇلىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى داڭلىق قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان. بۇ قۇرۇلۇشلار سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ياۋروپا شەھەرلىرىدىكى قۇرۇلۇشلاردىن قېلىشمايدۇ.
ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قۇرۇپ چىقىش، خەلقئارادىكى قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنىڭ ئاستانە شەھەر قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ قاتنىشىشىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، 2010 - يىلى ئاستانە 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر ئاستانە شەھىرى ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان،‹يايلاق گۆھىرى›، شۇنداقلا دۇنيا پايتەخت قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۆجىزە.
پايتەختنى كۆچۈرۈش
1997 - يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاننىڭ پايتەختى بولغان ئاستانە شەھىرى قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يايلاق بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە پاشا ئىنتايىن كۆپ. پاشىنىڭ چوڭلۇقىدىن ‹ئۈچ تال پاشىدا بىر تەخسە قورۇما قورىغىلى بولىدۇ›، دېگەن بۇ سۆز ئاستانەدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم ئىشلىتىدىغان ماقالە - تەمسىلى بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن پاشىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە پاشا چېقىۋالسا چېقىۋالغان جاي نەچچە كۈنگىچە، ھەتتا بىر ھەپتىگىچە قىزىرىپ ئاغرىيدۇ، بەزى سەزگۈچ ئادەملەرنى ياكى كىچىك بالىلارنى چېقىۋالسا پاشا چېقىۋالغان يەر ‹كىچىك موما› دەك ئىششىپ كېتىدۇ.
لېكىن ئاستانە پايتەخت قىلىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت زور مىقداردا ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ پاشىغا »جەڭ« ئېلان قىلىپ، پاشىنى زور مىقداردا ئازايتتى، ھازىر مېھمانسارايلاردا، ھەتتا شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىشىم دەرياسى بويىدىمۇ پاشا يوق دېيەرلىك بولۇپ قالدى.
ھەيۋەتلىك بىنالار قۇرۇلغان، زامانىۋىلاشقان يوللار ياتقۇزۇلغان شەھەر قۇرۇلۇشىغا سېلىشتۇرغاندا پاشا مەسىلىسى ئاستانە ئۈچۈن ھېچقانداق بىر چوڭ ئىش ھېسابلانمايدۇ. لېكىن بۇ مەسىلە شەھەر قىياپىتى ۋە ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن قارىغاندا بىر مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، بۇنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى.
گەرچە بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ئېنېرگىيە ئېكسپورت دۆلىتى بولسىمۇ، لېكىن قازاقسىتان ئەمدىلا مۇستەقىل بولغان شۇ يىللاردا قازاقىستاننىڭ پايتەختى بولغان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشىنى قوشنا دۆلەت ئۆزبېكىستان ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ھەرقايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بايلىق ۋە ماددىي مەھسۇلاتلىرىنى مەركەز بىر تۇتاش تەقسىملەيتتى، كىشىلەر ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيەنىڭ كەم بولۇشىدىن ئەندىشە قىلمايتتى. لېكىن 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي سىستېما پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، يېڭى ئىقتىسادىي سىستېمىنى قىسقا ۋاقىتتا قۇرۇپ چىقىش تەس بولدى، ئەمدىلا مۇستەقىل بولغان يېڭى دۆلەتنىڭ مەبلىغى يېتىشمىدى، بۇنىڭ بىلەن يەر ئاستىغا مول نېفىت بايلىقى يوشۇرۇنغان قازاقىستان »ئالتۇن تاۋاقتا ئاش تىلەپ يېيىش« ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. ئەينى چاغدا ئاشخانىلاردىكى گاز ئوچاقلار بىر سۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانىدى.
ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولغان بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكىدە قازاقىستان قىيىنچىلىقلاردىن بارا - بارا قۇتۇلدى، 2000- يىلىدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى %10 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ مەمنۇنلۇق بىلەن: قازاقىستان ھازىر ‹ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى› ئەمەس، دېدى.
2010 - يىلىدىكى شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىدە قازاقىستان ئاستانەنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى گەۋدىلىك تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغىنى »خان چېدىر« ى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېگىزلىكى 150 مېتىر، ئەنگلىيەدىكى ئاتاقلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى نومان فۇست لايىھەلىگەن. چېدىرنىڭ تاشقى تېمىغا ئېنېرگىيەنى تېجەيدىغان ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان زامانىۋى ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قىش كۈنلىرىدىكى نۆلدىن تۆۋەن 40 گرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا كۈن نۇرى ۋە دېڭىز سۈيىدىن ھوزۇرلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.
گاز ئوچۇقىنى ياقالماسلىقتىن ‹خان چېدىرى› غىچە بولغان بۇ ۋاقىت ئاران 20 يىلى بولۇپ، قازاقىستان بۇ جەرياندا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇندىن كېيىنكى 20 يىلدا قازاقىستان يەنە قانداق مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ بۇنىسى نامەلۇم، لېكىن بۇ نەتىجىلەر چوقۇم ئالاھىدە بولىدۇ.
مۇستەقىل بولغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىمۇ قازاقىستانغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى.
بۇ يىل ئاستانە بىلەن ئالمۇتادا 7 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 6 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: 2011 - يىلى قازاقىستاننىڭ »شاڭخەي ھەمكارلىق يىلى«. قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن تىرىشىدۇ، شۇنداقلا زور تىپتىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.