شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈندىكى خەۋىرى، جون ھۇنتسمان كالىفورنىيە شتاتىنىڭ پالو ئالتو شەھىرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتىدا يۇتا شتاتىدا. ئۇ كېچىكىدىن تارتىپ سىياسىيغا قىزىقىدىغان بولۇپ، ئۇ نىڭ تۇنجى خىزمىتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رىگاننىڭ ئاقسارايدىكى ياردەمچىسى بولۇش بىلەن باشلانغانىدى. 1989-يىلى ئۇ چوڭ بۇشنىڭ قولدا ئاستىدا سودا ۋە شەرقىي ئاسىيا سودا ئىشلىرىدا مەسئۇل ياردەمچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ 1992-يىلى ئامېرىكىنىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئۇ 32 ياشقا كىرگەن يىلى ئامېرىكىدىكى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياش چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىگە ئايلانغان. كىچىك بوز ئۇنى ئامېرىكا سودىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن.
2004 -يىلى ئۇنىڭ يۇتا شتاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم سەرگۈزەشت ئىدى. ئۇ شتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىللەردە خارلىي موتسىكلىتىنى ھەيدەشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ يەنە يەتتە بالا ( بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىلىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى جۇڭگو ۋە ھىندىستان) نى بېقىۋالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تالانتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىدىغا بىر قاتار نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئىچىدىكى يېڭى سىياسىي چولپانغا ئايلانغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، يۇتا شتاتىنىڭ ئىقتىسادى زور ئېشىش يۆنىلىشىگە قاراپ يۈزلەنگەن. 2007-يىلى ئامېرىكىدىكى ھەممە شتاتلارنىڭ GDP سى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا، يۇتا شتاتىنىڭ GDP سى %7.9 ئېشىپ، شتاتلار ئارىسىدا بىرىنچى بولغان. 2008-يىلى ئامېرىكا ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس پاتىقىغا پاتقان ۋاقىتتا، يۇتا شتاتىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇمات تارىختا رېكورت ياراتقان.
2009 -يىلى 8-ئايدا، جون ھۇنتسمان ئەمدىلا ئىككىنچى قارار ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغاندا، زۇڭتۇڭ ئوباما ئۇنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇنى تۇز كۆلى شەھىرىدىن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن. تاشقى ساھەدىكى ئەربابلارنىڭ ئورتاق قارىشىچە، ئوباما ئۆزىنىڭ بۇ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىنى بېيجىڭدا ۋەزىپىگە قويۇپ، 2012-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۆزىگە كېلىدىغان خىرىسنى يوقاتماقچى بولغانىكەن.