گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاتاغ چىگرا ئېغىزىدا ئۇنۋېرسال باج ئېلىنمايدىغان رايون تەسىس قىلىندى، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنۋېرسال باج ئېلىنمايدىغان رايون.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2010-يىلى ئالاتاغ چىگرا ئېغىزىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 25 مىليون 240 مىڭ توننىغا يەتتى، ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا سوممىسى بىلەن تاموژنا بېجىنىڭ ھەر ئىككىلىسى 10 مىلياردلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 11 مىليارد 870 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 10 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى.