شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 14-ئىيۇن تېلىگىراممىسى: ئىتالىيەدە 12- ۋە 13-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشتا زۇڭلى بىلوسكونى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى، 90 پىرسەنتتىن 95 پىرسەنتكىچە بولغان سايلىغۇچى بىلوسكونىغا قارشى ئاۋاز بەردى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇنىڭدىن 24 يىل بۇرۇنلا ئىتالىيە خەلقى يادرو ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشنى رەت قىلغان، ئەمما بىلوسكونى ئىتالىيەدە يادرو ئېلىكتېر ئىستانىسىسس قۇرماقچى بولدى.ئۆكتىچىلەر مۇنداق دېيىشتى: بۇ بىلوسكونى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.