بالىلار دوختۇرى 11 يىلدا 3 ياشقا توشمىغان 86 بالىغا باسقۇنچىلىق قىلغان

2011-06-09 12:59:23   www.basbas.cn   نادىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     جۇڭگو خەۋەر تورى 9-ئىيۇن تېلىگىراممىسى: شىياڭگاڭ <ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېلاۋار ئىشتاتىدىكى بىر غالجىرلاشقان بالىلار دوختۇرى 85 قىز بالا ۋە بىر ئوغۇل بالىغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى بىلەن .ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېشى تېخى 3 ياشقا توشمىغان ئىكەن.سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى جىنايەتچىنىڭ جىناايەت سادىر قىلىش جەريانىدىكى سىنئالغۇ لىنتىسىنى ئاشكارلىغان،لىنتىدا بالىلارنىڭ زورلۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەتتا بازىلىرىنىڭ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن، يارلانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سوتتا توختىماي يىغلىغان.

   بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاۋابكار بىرادلىي 24 تۈرلۈك باسقۇنچىلىق قىلىش،جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەمدە جىنسىي ئىكىسپالاتاتسىيە قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەگەر ئۇنىڭ بۇ جىنايەتلىرى تۇرغۇزۇلسا ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.ئۇ 1994-يىلى نېۋادا ئىشتاتىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان، 1998-يىلدىن باشلاپ سىنئالغۇ لېنتىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر قىسىم جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانلىرىنى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، 2009-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنغانغا قەدەر سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈش 13 سائەت 35 مىنۇت 6 سىكۇنتقا يەتكەن.