ياپونىيە ئۆزبېكىستانغا ھەقسىز ئىقتىسادىي ياردەم بەردى

2011-06-05 10:00:17   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ياپونىيە ئۆزبېكىستانغا ھەقسىز ئىقتىسادىي ياردەم بەردى

      2010 -يىلى7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئالىبوف ھۆججەت ئىمزالىدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستانغا ياپونىيەدە ئۆزبېكىستاننىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، 233 مىليون ياپونىيە يىنى (تەخمىنەن 2 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ھەقسىز ئىقتىسادىي ياردەم بەردى. بۇ ياردەم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1999 - يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزىۋاتقان «كادىرلارنى تەربىيەلەشكە تەمىنلىنىدىغان فوند» تۈرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاساسىي مەقسىتى ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق دۆلەت مەمۇرلىرى، شۇنداقلا مۇتەخسسىسلەرنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. بۈگۈنگە قەدەر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈر رامكىسى ئىچىدە ئۆزبېكىستاننى 32 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، 191 نەپەر ئۆزبېكىستان ئاھالىسى ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەربىيەلەندى.