قىرغىزىستانلىق ئىشسىزلار رۇسىيەگە يۈرۈش قىلماقتا
يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئابدۇللايېۋا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش بىلەن جالالئاباد شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 20 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق ئىشتىن قالدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇلار مۇلازىملىق كەسپى ۋە كىچىك تىپتىكى سودا ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇندىن باشقا، يەنە رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەخمىنەن 40 مىڭ جەنۇبلۇق قىرغىزىستاندىن ئايرىلغان. قىرغىزىستان ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئايگۇل رېسكۇلوۋا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە 600 نەپىرى چەت ئەللەرنىڭ دائىمىي نوپۇسى بولىدۇ، باشقىلىرى بولسا چەت ئەللەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %90 ى رۇسىيەگە بارىدۇ.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 600 مىڭ قىرغىزىستانلىق چەت ئەللەردە ئەمگەك - مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 400 مىڭ نەپىرى رۇسىيەدە، 55 مىڭ نەپىرى قازاقىستاندا.
قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر، قىرغىزىستاننىڭ دائىمىي نوپۇسى 5 مىليون 418 مىڭ 300 نەپەر بولغان بولۇپ، چەت ئەللەرگە ئەمگەك - مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغىلى چىقىپ كەتكەنلەر قىرغىزىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %11 ىنى ئىگىلەيدىكەن.