ئۆزبېكىستان مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىدى

2011-06-05 09:56:05   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزبېكىستان مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەسلىھە بىلەن تەمىنلىدى

      ئۆزبېكىستان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مال - مۈلۈك كومىتېتىنىڭ مەلۇماتچىسى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مال - مۈلۈك تىزىملىكىنى ماقۇللىغانلىقىنى، تىزىملىكتىكى ئەسلىھەلەر مەبلەغ سېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ ئەسلىھەلەر ئاساسىدا كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
      مەزكۇر مەلۇماتچى مۇنداق دېدى: «مەبلەغ سالغۇچىلار ھەر قايسى رايونلارغا جايلاشقان 57 ئورۇندىكى ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ بۇ ئەسلىھەلەر ئىشتىن توختىغان زاۋۇتلار، بوش قالغان بىنالار، شۇنداقلا كونا بىنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىمزالانغان سېتىش - سېتىۋېلىش كېلىشىمى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە بۇ ئەسلىھە خېرىدار چاقىرىش شەكلىدە يېڭى مەبلەغ سالغۇچىغا ھەقسىز بېرىلىدۇ.