قىرغىزىستان ساياھەتچىلىكنى قايتىدىن جانلاندۇرماقچى

2011-06-05 09:55:05   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزىستان ساياھەتچىلىكنى قايتىدىن جانلاندۇرماقچى

      ئىسسىقكۆل قىرغىزىستان زېمىنىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كۆل يىلبويى مۇز تۇتمايدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ، ئەزەلدىنلا »ئوتتۇرا ئاسىيا گۆھىرى« دېگەن نامى بار. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ساياھەت - دەم ئېلىپ داۋالىنىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسسىقكۆل ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىمى قىرغىزىستان ساياھەت كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىدۇر.
      ھالبۇكى، 2010 - يىلى 4 - ئايدىن بۇيان، قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش يۈز بەردى، «ئوتتۇرا ئاسىيا گۆھىرى» نىڭ ساياھەتچىلىكىمۇ زور زەربىگە ئۇچرىدى، ساياھەت كىرىمى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى. تېخىمۇ كۆپلىگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى 5 - ئاي ۋە 7 - ئايدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2010 - يىللىق ئىسسىقكۆل خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسى ۋە ئىسسىقكۆل خەلقئارا مۇزىكا بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. لېكىن ساياھەتچىلىك ئەھۋالىدا يەنىلا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ 2010 - يىللىق مالىيە كىرىمى تەخمىنەن 122 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازىيىپ كەتتى.
      ساياھەتچىلىكنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى باشلامچىلىق بىلەن يەككە ساياھەتچىلىك ۋەكىللىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، قىرغىزىستاننىڭ 2015~2011 - يىللىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشكە كىرىشتى.
      قىرغىزىستان ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى گۈلمىرەنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان ساياھەتچىلىكى پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ساياھەتچىلىكنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.