ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدا يۈرۈش سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ
2011 - يىلى 9 - ئايدا ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنايدىغان تاشكەنت − سەمەرقەند تۆمۈريولىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرىدۇ. بۇ تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىنى تولۇق سەپلەش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تۆمۈريول شىركىتى ئىسپانىيەنىڭ پاتېنتس - تارگ شىركىتى بىلەن ئومۇمىي قىممىتى 38 مىليون ياۋرو بولغان توختامنى ئىمزالاپ، ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. توختام بويىچە، پويىز 2011 - يىلى 3 -، 4 - ئايلاردا ئۆزبېكىستانغا يېتىپ كېلىدىكەن، بۇ پويىزلار يۈرۈش ۋە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر سائەتلىك سۈرئىتى 052 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
ئۆزبېكىستان ئىچكى كابىنېتىنىڭ باشلىقى گانىيېۋ تاشكەنت خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسىدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تاشكەنت - سەمەرقەند تۆمۈريولىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدا خەلقئارا تەلەپ ۋە ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىدۇ، كېيىنكى بىر يىلدا تۆمۈريول يەنە بۇخارا ۋە خۋاغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
يېڭى تۆمۈريول ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، تاشكەنت بىلەن سەمەرقەندتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۆمۈريول تۈگۈنىنىڭ پويىز قاتنىشى تەڭشىلىپ، بۇ ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مال توشۇش مىقدارىمۇ ئاشىدۇ.