جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان شېرىكلىشىپ خۇرۇم ئاياغ ۋە فارفور خىش زاۋۇتىنى قۇردى

2011-06-05 09:51:54   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان شېرىكلىشىپ خۇرۇم ئاياغ ۋە فارفور خىش زاۋۇتىنى قۇردى

      ئۆزبېكىستاننىڭ سىر دەرياسى ئوبلاستىدا جۇڭگو - ئۆزبېكىستان پېڭشېڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلدى. بۇ زاۋۇت 2012~ 2011 - يىللىرى 600 مىڭ پارچە مويلۇق تېرە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ۋە 400 مىڭ جۈپ خۇرۇم ئاياغ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر زاۋۇت يەنە فارفور خىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يېڭىدىن قۇردى، بۇ لىنىيەدە ھەر يىلى  4 مىليون كۇب مېتىر فارفور خىش ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. بۇ زاۋۇتنىڭ پىلانى بويىچە، مويلۇق تېرە بىلەن خۇرۇم ئاياغنىڭ ئېكسپورت مىقدارى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 ىدىن ئاز بولمايدۇ، فارفور خىش ئېكسپورت مىقدارى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %55 ىدىن ئاز بولمايدۇ.
      پېڭشېڭ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى جۇڭگو ۋېنجۇ جىنشېڭ شىركىتى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ شىڭلوڭ چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ قۇرغان. ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ سالغان مەبلىغى 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ سالغان مەبلىغى 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاز ئەمەس. ئىگىلىنىشىچە، بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش 2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تاماملانغان بولۇپ، بۇ باسقۇچتا 12 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىندى.