قىرغىزىستان جەنۇبىي رايوننى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى

2011-06-05 09:50:04   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   نەزەر
T|T:خەت رەزمىرى

قىرغىزىستان جەنۇبىي رايوننى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى

      قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاتانبايېۋ يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت 1 مىليارد سوم (تەخمىنەن 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) نى مەخسۇس تۈر مەبلىغى سۈپىتىدە ئاجرىتىپ، جەنۇبتىكى ئوش ۋە جالالئاباد قاتارلىق قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن ئاپەت رايونلىرىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.
      ئاتانبايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار مەبلەغ ئوش قاتارلىق جايلاردىكى كوچا ۋە ئىمارەتلەرنى قايتا قۇرۇش ۋە يېڭىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى جەنۇبىي رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى يېمەكلىك قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.