تاجىكىستاندا مال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى كىشىنى تەشۋىشكە سالىدۇ

2011-06-04 10:45:05   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

تاجىكىستاندا مال باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى كىشىنى تەشۋىشكە سالىدۇ

      تاجىكىستان خەلق بانكىسىنىڭ مەسئۇلى راسىمزودا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: نۆۋەتتە تاجىكىستاندىكى مال باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆسۈش ۋەزىيىتى كىشىنى تەشۋىشكە سالىدۇ. ھۆكۈمەت تارماقلىرى چوقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇل پاخاللىقى تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
      2010 - يىلى يازدىكى قۇرغاقچىلىق ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، تاجىكىستاندىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت رۇسىيە ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى جاكارلىدى. تاجىكىستاندىن ئاشلىق ئىمپورت قىلغۇچى 1 - چوڭ دۆلەت قازاقىستان خەلقئارا بازار باھاسى بويىچە تاجىكىستانغا ئاشلىق سېتىپ بەردى. تاجىكىستاننىڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلىش باھاسى %24 ئۆرلىدى.
      تاجىكىستان خەلق بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تاجىكىستاندا 2010- يىلى9 - ئايدىكى يېمەكلىك باھاسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.2 ئۆرلىگەن، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە تاجىكىستان دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئاساسلىق ئېشىپ بارغان تاجىكىستان چېگرا سىرتىدىكى ئىشچىلارنىڭ پېرېۋوت پۇل سوممىسى 2009 - يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېشىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما 2008 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن، 2008 - يىلى چېگرا سىرتىدىن پېرېۋوت قىلىنغان پۇل جەمئىي 2 مىليارد 670 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. راسىمزودانىڭ ئېيتىشىچە، 2010 - يىلى 9 - ئايدا، تاجىكىستاننىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى تاجىكىستان دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېشىش نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن 19 ھەسسىسىگە باراۋەر بولغانكەن.