ئۆزبېكىستان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان چېگرىدىن ئۆتۈش خىراجەتلىرىنى ئۆستۈردى
2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ئۆزبېكىستان − تاجىكىستان چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى چېگرىدىن ئۆتكەندە ئېلىنىدىغان پارچە - پۇرات ھەقلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى. يەنى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 175 ئامېرىكا دوللىرىدىن 200 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلدى. ئەمما تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان ئۆلچەم ئۆزگەرمىدى.
2010 - يىلى 4 - ئايدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى چەت ئەل ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان چېگرىدىن ئۆتكەندە ئېلىنىدىغان پارچە - پۇرات ھەقلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنىدى. يەنى تاجىكىستان يۈك ئاپتوموبىلى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن 90 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلگەن؛ تۈركمەنىستاننىڭ 10 توننىدىن تۆۋەن يۈك ئاپتوموبىللىرى 12 كىشىلىكتىن تۆۋەن يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ 20 ئامېرىكا دوللىرىدىن 53 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلگەن، 10 توننا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ، 12 كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن 55 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلگەن؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن 175 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلگەن.