جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:پايتەخت بېيجىڭدا شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان يەنە بىر كۆزنەك − بېيجىڭ «شىنجاڭ سارىيى» 30-ماي پۈتۈپ تىجارەت باشلىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، شۈ ۋېيخۇا قاتارلىقلار تىجارەت باشلاش مۇراسىمغا قاتناشتى.
مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرى رەھبەرلىرىدىن جياۋ خۈەنچېڭ، جى لىن، جاۋ شاۋخۇا قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
«شىنجاڭ سارىيى» بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سەنلىخې يولىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4600 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ سارايدا 260 ئېغىز ياتاق ئۆي بار، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا شىنجاڭنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئېتنوگرافىيەلىك ۋە جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى قويۇق ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا لايىھەلەنگەن، ساراي ئىچى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە دائىر سۈرەت − رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن.
جاڭ چۈنشيەن، جياۋ خۈەنچېڭ، نۇر بەكرى، جى لىن، خەن يۇڭ، شۈ ۋېيخۇا قاتارلىقلار بېيجىڭ «شىنجاڭ سارىيى»نىڭ تىجارەت باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەستى.