جۇڭگونىڭ 2011-يىللىق زەھەر چەكلەش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2011-06-03 09:00:11   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

بۇلتۇر يەنە 214مىڭ زەھەر چەككۈچى بايقالدى
       «خەلق گېزىتى»نىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگونىڭ 2011-يىللىق زەھەر چەكلەش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەتتىكى زەھەر چەكلەش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى 2010-يىلى زەھەر ياساش، سېتىش-ئېلىش ئېدېلوسىدىن 89مىڭنى پاش قىلىپ، 101 مىڭ زەھەر ياساش، سېتىش-ئېلىش جىنايەت گۇماندارنى تۇتقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى، مەملىكەتتىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرى زەھەر چەكەنلەرنى تۇتشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زەھەر تاشلاتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاپ قۇتقۇزغان. مەملىكەت بويىچە يەنە 214 مىڭدىن ئارتۇق زەھەر چەككۈچى بايقالغان، قانۇن بويىچە مەجبۇرىي زەھەر تاشلىغانلار 175 مىڭغا، مەھەللىلەردە زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر 96 مىڭغا يەتكەن. (مۇخبىر خۇاڭ چىڭچاڭ خەۋىرى).