دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىنىش 5-ئىيۇن باشلىنىدۇ

2011-06-03 08:57:33   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

         خەلق گېزىتىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 31-ماي 2011-يىللىق دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇ يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىنىش، ئىمتىھان ۋاقتى ۋە مەزمۇنى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا داۋاملىق توردا تىزىملىنىش ۋە نەق مەيداندا جەزىملەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ،، توردا تىزىمغا ئىلىش ۋاقتى 5-ئىيۇن سائەت 0 دىن 25-ئىيۇن سائەت 24:00كىچە بولىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ بىشۆ خەۋىرى)