‹‹تۆت جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن››نىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ،شىنجاڭنىڭ سۇبيېكت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى
2–قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ،ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 1 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، مەركەز يەنە 2 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ مۇھىم تەستىقىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تەڭداشسىز مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئېلىمىز غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدىغان نۇقتىلىق رايون، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قورغان، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم جاي، ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى. مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورنىنى تۆت جەھەتتىن مۇشۇنداق بېكىتىشى مۇنداق كۈچلۈك سىگنالنى يەتكۈزدى: يەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋە مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورنىنى تۆت جەھەتتىن بېكىتىشىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىشىكنى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكار ھالدا ‹‹بىر يىلدا بىر ئۆزگىرىش، بەش يىلدا ئۈنۈمنى كۆرۈش، ئون يىلدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش›› نىشانى بويىچە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.
2 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا يەنە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى سۇبيېكت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ››دېگەن ئىدىيەنى تىكلەپ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ھەممە ئىشتا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا، ھەممە ئىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان تەپەككۇر ئەندىزىسى، تەپەككۇر شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى دەۋرىيلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شۇنىڭدەك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۇلۇغ ۋەتەنگە تەشەككۈر ئېيتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىشىمىز؛ ئامما ئارىسىغا بېرىپ، پاكىتنى ئاساس قىلىپ ، ئىشنىڭ قائىدە – قانۇنىيىتىنى تەكىتلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلمىي، ئاقىلانە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ بەھرە ئېلىش، كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىكى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.