«مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 12-بەش يىلدىكى قانۇن چىقىرىش پىلانى» تارقىتىلدى

2011-06-01 10:40:45   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

«مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 12-بەش يىلدىكى قانۇن چىقىرىش پىلانى» تارقىتىلدى

         جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، يېقىندا «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 12-بەش يىلدىكى قانۇن چىقىرىش پىلانىنى»نى تارقاتتى.«مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 12-بەش يىلدىكى قانۇن چىقىرىش پىلانى»دا، دىڭ شاۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئارمىيىمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا قارىتىپ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 12-بەش يىلدىكى قوشۇن قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە، نۇقتىلىق ھالدا ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، ھەربىي كۆرەش تەييارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇن ئىسلاھاتىنى پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرىكىشچان تەرەققىياتىدىكى زۆرۈر بولغان قانۇن چىقىرىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان باشقا قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى.

  پىلاندا ھەرقايسى ئورۇنلاردىن مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەربىي ئىشلار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قاراشلىق ئورگانلار، تارماقلارنى ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى زور مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ماسلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تارماقلار ئاساسلىق رەھبەر ئۆزى مەسئۇل بولۇش، قانۇن لاھىيىسىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئورۇنداش، پىكىر ئىلىش، سىناق نۇقتىسى ئارقىلىق ئىسپاتلاش، تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلىرى قانۇن لاھىيىسىنى تەكشۈرۈشتىكى «سىياسىي ئۆتكەل، سىياسەت ئۆتكىلى، پاكىت ئۆتكىلى، مەخپىيەت ئۆتكىلى، يېزىق ئۆتكىلى»گە ياخشى ئىگىلەپ، چىقىرىلغان قانۇننىڭ ئەمەلىيەتتىن، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئىنقىلاۋىلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئارمىيىمىزنىڭ پارتىيە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇندىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان قانۇنچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.