جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا يىغىن ئېچىلىپ، 2–قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
2 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاخىرلاشقان كۈنى، يەنى 29 – ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدا مۇشۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاپتونوم رايون ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاستلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، بۇ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 1 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغانغا بىر يىل بولغان پەيتتە، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچقانلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
يىغىندىن ئىلگىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك››.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنى مول، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى كۈچلۈك، بۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تونۇشنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك. بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق رايون، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توساق، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم جاي، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى، دېگەن تۆت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلىشىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم تەستىقىنى يەتكۈزۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئورنىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، شىنجاڭنىڭ سۇبيېكتپ پائالىيەتچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتپ پائالىيەتچانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئۆزىمىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئاكتىپلىقىمىز ۋە سۇبيېكتپ پائالىيەتچانلىىقىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى، نېمىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەممە ئىشتا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھەممە ئىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆلچەم قىلىپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەپەككۇر ئەندىزىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، شەكىلۋازلىق، سۆلەتۋازلىق قىلماي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاقىدار ئىشلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقى، ئومۇمەن بۇ قېتىملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۆز تارمىقىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر – بىرلەپ چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ سىياسەت – تەدبىرلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە تېزدىن ئايلاندۇرۇشى كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ‹‹ئاۋام تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم›› دېگەن ئىدىيەنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىشلارنى داۋاملىق قىلىش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەدەنىيىتى بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك. ‹‹بىر گەۋدە›› دېگەندە، ئورتاق يۇرت – ماكانىمىز كۆزدە تۇتۇلىدۇ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى؛ ‹‹كۆپ مەنبەلىك›› دېگىنىمىزدە، شىنجاڭدا مىللەتنىڭ كۆپلۈكى، شىنجاڭنىڭ تۆت چوڭ مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن جاي ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىشىنى ھۇزۇرلىنىش، كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيەسىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە يۇرت ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر بىر كادىرنىڭ ئۆزى بىر جەڭگىۋار قورغان. كەڭ كادىرلار ئاممىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىشلەپ، ئاممىغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم تەستىقىنىڭ روھى ۋە 2 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايون ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇا شىفېي، ليۇ يەنلياڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ياردەمنى قوبۇل قىلغان 12 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ياردەمنى قوبۇل قىلغان شىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.