ئۈرۈمچىدە 1538 نەپەر ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپ بىۋاستە تۆۋەن كاپالەتلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
ئۈرۈمچى لىنىيەسى خەۋىرى(مۇخبىر ياڭ يۈەن يۈەن خەۋىرى). ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېغىر كېسەل تۈپەيلى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقتا قالغان 1033 كىشىگە ياردەم بېرىپ، 5 مىليون 713 مىڭ 800 يۈەن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە 1538 نەپەر ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپنى بىۋاسىتە تۆۋەن كاپالەتلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر 12 ساھەدىكى 100 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش توغرىسىدا سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئېغىر كېسەل تۈپەيلى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ داۋالىنىش ياردىمىنى ھەل قىلىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلارنى بىۋاسىتە تۆۋەن كاپالەتلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى 100 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزدى.