دۇنيا قازاقلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر زىيارەت ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

2011-06-01 10:32:16   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

         4 – نۆۋەتلىك دۇنيا قازاقلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر زىيارەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، 29 – ماي كەچ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

  قازاقىستاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت باشچىلىقىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 20 كىشى قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

  4 – نۆۋەتلىك دۇنيا قازاقلار قۇرۇلتىيى 25 – مايدىن 27 – مايغىچە قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلدى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىنغا 35 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 380 نەچچە ۋەكىل قاتناشتى، ئېلىمىز ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن بىردىنبىر دۆلەت بولدى.

  يىغىندا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، قازاقىستاندىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتتى ھەم ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت يىغىن مەزگىلىدە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى مۇختار قۇلمۇقامەت، ئالما – ئاتا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرىك سەيدىمانوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى، شىنجاڭ بىلەن ئاستانە، ئالما – ئاتا شەھەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىق مۇددىئانامىلىرىنى ھاسىل قىلدى.

  تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئېلىمىزنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جو لى، ئېلىمىزنىڭ ئالما – ئاتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى رېن جېنخۈەن قاتارلىقلارنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىغا ياردەم ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈردى.