جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى مەخسۇس تېمىدا بىر قاتار ئاخباراتلارنى ئېلان قىلدى

2011-06-01 10:31:08   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى مەخسۇس تېمىدا بىر قاتار ئاخباراتلارنى ئېلان قىلدى

         خەلق گېزىتىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تېمىدا بىر قاتار ئاخباراتلارنى تارقىتىش ۋە زىيارەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان.

  ئىگىلىنىشچە، ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى يېقىندا، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، مەركىزىي پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزىي ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنى مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىپ، ج ك پ نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، كادىرلار تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش خىزمىتى، ج ك پ نىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى، ھۆججەتلەر تەتقىقاتى ۋە نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرماقچى بولغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى تەشكىللەپ يەنئەنگە بېرىپ يەنئەن كادىرلار ئىنىستىتۇتى ۋە يەنئەن ئىنقىلابىي تارىخىي يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلىپ، يەنئەن كادىرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ كادىرلارنى قانداق تەربىيەلەپ چىققانلىقى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان يەنئەن روھىنىڭ قانداق جارى قىلدۇرۇلغانلىقىنى تونۇشتۇرماقچى بولدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)