مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇرغاقچىلىقتىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

2011-06-01 10:30:05   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇرغاقچىلىقتىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى


3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە قۇرغاقچىلىق بولغان كۆپ رايونلاردا يامغۇر ياغىدۇ    

         خەلق گېزىتىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە قۇرغاقچىلىقتىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: 30-مايدىكى ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، خۇبېينىڭ شىمالىي ۋە شەرقى، خۇنەننىڭ شىمالى، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى، جياڭشىنىڭ شىمالى، جياڭسۇنىڭ جەنۇبى، جېجياڭنىڭ شىمالى، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئېغىر قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئىيۇندىن بۇرۇن، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلاردا يامغۇر ياغمايدىكەن.

  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرىچە، بۈگۈن كېچىدىن 2-ئىيۇنغىچە، غەرىبىي جەنۇب، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن. 3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە كۆپ قىسىم قۇرغاقچىلىق بولغان رايوندا ئوتتۇرا، قاتتىق يامغۇر، قىسمەن رايوندا قارا يامغۇر يىغىپ، ئاپەتنىڭ ئازىيىشى ۋە دەريا-كۆللەردىكى سۇنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق ئىكەن. (مۇخبىر ليۇ يى).