مەملىكىتىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئورما باشلاندى

2011-06-01 10:28:47   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، كۈزگى بۇغداي مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا سەككىز يىل ئېشىشىدا ئۈمىد بار  
         

«خەلق گېزىتى»نىڭ 30-ماي نەنياڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن مەملىكەت بويىچە بۇغداينى رايون ھالقىپ كومبايىن بىلەن يىغىشنى باشلاش مۇراسىمى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلىرىدا يازلىق يىغىم خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭبىن باشلاش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا يازلىق ئاشلىقنىڭ %80تى يىغىپ بولۇندى، خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې رايونلىرىدىكى بۇغدايلارمۇ پىشىپ يىغىۋېلىنىش باسقۇچىغا كىردى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۆلچەرلەپ تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، كۈزگى بۇغداي مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا سەككىز يىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. قىچادىنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. (چېن رېنزې خەۋىرى، جۇڭگو مىلەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى)