ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرى، 1-ئىيۇندىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيى رەسمىي ھالدا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە يېزا-بازار (مەھەللە) لىق مەدەنىيەت پونكىتلىرى بىر-بىرلەپ ھەقسىز قىلىپ ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ 27- ماي مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى) نى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتى تېلېۋىزور-تېلېفۇن يېغىنىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرى ئىكەن.
شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:«ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى (پونكىتى) نى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتى بولسا بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەت بېكىتكەن 22 مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، بۇ «زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ۋە بىر تۈرلۈك مۇھىم مەدەنىيەت خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».
خۇ ۋېي ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتتىن، بولۇپمۇ مەدەنىيەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ جەزمەن بۇ قېتىمقى ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەپ، ھەقسىز ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، مۇلازىمەت ئۇقۇمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، بۇ بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەمئىي 107 ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 108 ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يۇرتى، 1097 يېزا-بازار (مەھەللە) مەدەنىيەت پونكىتى بار ئىكەن. ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ تۈرلۈك قىرائەتخانىلىرى، لېكسىيە سۆزلەش زاللىرى، ئۆزلۈكىدىن بىلىم ئېلىش بۆلۈملىرى، مەدەنىيەت يۇرتى ۋە مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زاللىرى ۋە كۆرگەزمە زاللىرى، قوشۇمچە يېتەكلەش تەربىيىلەش ئىشخانىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتخانىسى، كومپيۇتېر ۋە تور سىنىپلىرى قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇق مۇئەسسەسە ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن. تۈرلۈك ماتېرىيال كىتابلار ۋە گېزىت-ژۇرناللارنى ئىجارىگە بېرىش، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ۋە كۆرگەزمە، تەربىيىلەش ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئورۇنلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تەنتەربىيە- بەدەن چېنىقتۇرۇش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيىتى قاتارلىق ئاساسىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى ، كىنىشكا بېجىرىش ۋە ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ھەقسىز تەمىنلەيدىكەن.