پاكىستاندا يولوچىلار ئاپتوبۇسى دەريا جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ 25 ئادەم قازا قىلدى

2011-05-30 10:53:02   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

ئاففانىستاننىڭ شىمالىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تالىبان قوراللىق ئونسۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،  2 نەپەر ئاففانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ئادەم قازا قىلىپ، 9 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق گىرمانىيە قوماندانى ۋە تاخار ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقىمۇ بار ئىكەن. ئاففانىستان زۇڭتۇڭى كازايى ۋە گىرمانىيە زۇڭلىسى رىچارد بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم  ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندىكى ئەسكەر چىكىندۈرۈش پىلانىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنكەن.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىلىتىش شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 45 مىنوت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر نەپەر ئاففانىستان ساقچىسى قىياپىتىدە ياسىلىنىۋالغان ھۇجۇمچى قەندىھار ئۆلىكىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، تېررورلۇق پارتىلىتىش ئېلىپ بارغان. قازا قىلغۇچىلار ئىچىدە ئاففانىستاننىڭ شىمالىدىكى توققۇز ئۆلكىنىڭ ساقچى باشلىقى مەھمۇد، تاخار ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى، ئىككى نەپەر گىرمانىيە ئەسكىرى ھەمدە ئىككى نەپەر ئاففانىستان ئەسكىرى بار ئىكەن، يارىلانغۇچىلار  ش ئا ئە ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق گىرمانىيە قوماندانى، تاخار ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ئابدۇللا ھەمدە ئىككى نەپەر گىرمانىيە ئەسكىرى بار ئىكەن.
پارتىلاش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ش ئا ئە ت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېلىپ بارغان بوۇلپ، يىغىن تارقىلىدىغان ۋاقىتتا، بىنا ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان ئادەم بومبىنى پارتىلاتقان، تاخار ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقىنىڭ بېشى ۋە ئىككى بېلىكى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان.
ئاففانىستاندىكى تالىبانلار بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتا ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىن لادېن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تالىبانلار كۆپ قېتىم ئاففانىستان ساقچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
گىرمانىيە ھۇڭلىسى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ھەمدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.