ئوباما ئايال پادىشاھنىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا گاڭگىراپ قالدى
2011-05-27 12:43:07 www.basbas.cn نادىل
5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا ئەلباشى ئوبامانىڭ ئەنگلىيەدىكى بىرىنچى زىيارەت كۈنىدە، ئايال پادىشاھ بۇككىنخام ئوردېسىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى ئۇ ئايال پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قەدەھ سۆزىنى جاكارلاۋاتقاندا، مۇزىكا ئورۇنلىغۇچى ئەترەپ تۇيۇقسىز ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مارشى «تەڭرىم ئايال شاھنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن»نى چېلىپ كەتتى، بىراق ئوباما قائىدە بويىچە توختاپ تۇرماستىن سۆزىنى داۋام قىلىۋەردى، تاكى سۆزىنى تۈگىتىپ قەدەھنى ئايال پادىشاھقا تەڭلىگەن چاغدا، ئاندىن ھەممەيلەن ھۆرمەتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ رومكىسىنى ئاستا قويۇپ قويۇپ دۆلەت مارشىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاپ تۇردى.
ئايال پادىشاھ پەقەت ئوباماغا يېنىككىدە كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن، ئوباما ئۆزىنىڭ ئىشنى بۇزۇپ قويغانلىقىنى پەملەپ جىممىدە رومكىنى قويۇپ قويدى.