شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەردى
2011-05-27 12:30:10 www.basbas.cn نادىل
ئۈرۈمچى تورىنىڭ 26-ماي تېلىگراممىسى، 4-ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپىراتورىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ ئېلى دەريا بويى ئوتلاقلىرىدا چېكەتكە تۇخۇم چىقىرىش ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى، نۆۋەتتە ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىكى چېكەتكە پەيدا بولغان ئوتلاق يەر مەيدانى 2 مىليون 420 مىڭ مو، ئېغىر دەرىجىدە چېكەتكە پەيدا بولغان ئوتلاق يەر مەيدانى 700 مىڭ موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوتلاقتىكى چېكەتكە زىچلىقى ھەر كۋادىرات مىتىرغا 2600 تالدىن توغرا كېلىدىكەن.
مۇخپىرنىڭ ئېلى ئوبلاستلىق چېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىدىن ئېرىشكەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھنيىلىرىدە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مۇداپىيە كۆرۈپ بولغان يەر مەيدانى 2 مىليون 280 مىڭ موغا يەتكەن. ھەرقايسى ئوتلاق پونكىتلىرىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ تەكشۈرىشىدىن قارىغاندا، ئېلى دەرياسى بويىدىكى ئوتلاقلاردا نېقابلىق ماڭدامچى قۇڭغۇزنىڭ پەيدا بولۇش يەر مەيدانى 120.3 مىڭ مو، ئېغىر دەرىجىدە پەيدا بولۇش يەر مەيدانى 30.8 مىڭ مو بولۇپ، ئاساسلىقى نېلقا ناھىيىسى بىلەن مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە كۆرۈلگەن. نېلقا ناھىيىسىدىكى نىقابلىق ماڭدامچى قۇڭغۇزنىڭ پەيدا بولۇش يەر مەيدانى 100 مىڭ مو، ئېغىر دەرىجىدە كۆرۈلۈش يەر مەيدانى 30 مىڭ مو، مۇڭغۇلكۈرەدىكى ماڭدامچى قۇڭغۇز بايقالغان يەر مەيدانى 10 مىڭ مو، ئېغىر دەرىجىدە بايقىلىش يەر مەيدانى 8000 مو غا يەتكەن.
5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، چۆچەك رايونىدىكى شىخۇ شەھىرىدە 800 مىڭ موغا يېقىن قۇملۇق ئەمەن ئوتلىقىدا يۇپۇرماق قۇڭغۇزى، چېكەتكە قاتارلىق زىيانداش ھاشارەتلەر بايقالغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدا كۆرۈلۈش يەر مەيدانى 500 مىڭ موغا يەتكەن. نۆۋەتتە، شىخۇ شەھىرىدە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ،ماگىل ئوتلىقى ئالدىنى ئېلىش رايونىدا مال-چارۋا بېقىشنى توختاتقان بولۇپ، 50مىڭدىن ئارتۇق مال-چارۋا ۋاقتىنچە باشقا ئوتلاقلارغا يۆتكىۋېتىلگەن.
شىنجاڭ چېكەتكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 2011-يىلى شىنجاڭ ئوتلاقلىرىدا زىيانداش ھاشارەتلەر ئاپىتى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، تەخمىنەن 236 مىليون مو ئوتلاق زىيانداشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئېغىر بولغان. شىنجاڭنىڭ ئوتلاق ئومومىي يەر مەيدانى 860 مىليون مو بولۇپ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئوتلاق يەر مەيدانى 720 مىليون مو.
چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەن شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى رايونلار جىددى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئىشلىمەكتە. چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ئارقىلىق دېھقانچىلىق خىمىيىۋى دورىلىرىنى پۈركۈشتىن باشقا، چېكەتكىنىڭ كىشەندىسى بولغان قىزىل قارىغوجا، توخۇ، ئۆردەك، غاز، قارچۇغا قاتارلىقنى ئوتلاققا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق چېكەتكە يوقىتىش ئارقىلىق، ئوتلاقنىڭ ئەسلىدىكى ئىكولىگىيەلىك تەمپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالماقتا.