45 يېشىدا شوماكېر ئامېرىكىنىڭ ئاھالىلىكلەر رايونى ئونۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ، باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ 2-قېتىم بۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشى بولۇپ، بىراق ئۇنىڭ ئېسىدە بۇ پەقەت تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ 23 يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق ھادىسىدە بارلىق ئەسلىمىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، 22 يېشىدىن باشلاپ قايتىدىن يېڭى بىر تۇرمۇشىنى باشلاپ كەتكەن.
ئۇ ماريلاند شىتاتىنىڭ گيبىس رايونىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى ئادەتتىكى ئائىلە ئايالى، دەپ قارايدۇ. ئەمما، 45 ياشلىق ئادەمنىڭ ئاران 23 يىللىق خاتىرىسى بولۇش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. 1988-يىلى 2-ئايدا، ئېسىپ قويۇلغان يوغان يەلپىگۈچ ئۇنىڭ مېڭىسىگە چۈشۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئەسلىمىرىلىرىنى «ئۆچۈرۋەتتى». بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدا ئېسىگە كىلىپ، پىسخىكىسى كىچىك بالىلارنىڭ ھالىتىگە قايتىپ قالغان. ئۆزىنىڭ يولدىشى ۋە ئىككى بالىسىنى تونۇمايدىغان بولۇپ قالغان، پەقەت مەجبۇرىي سۆزلەپ، خەت يازالماس، كىتاپ ئوقۇيالماي، ھەتتا تاماق يىيەلمەس. ماڭالماس، كىيىم كىيەلمەس، ماشىنا ھەيدىيەلمەس بولۇپ قالغان.
دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرىشىچە، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى چاك كەتكەن بولۇپ، دوختۇر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇنىڭدا ئەسلىمىسىنى يوقىتىشتىن باشقا يەنە ئۇنىتقاقلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ يولدىشى ئايالىنىڭ ھالىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى، دىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەقىقىي <ئۆزى> نى يوقاتتى».
ئېسىنى يوقاتقان نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ دائىم تۇرمۇش تەرتىپىنى جەدىۋەللەشتۈرۈپ يولدىشىغا ياردەملىشىپ، خىزمەت قىلغاچ ئاز-تولا كىتاپلارنى ئوقۇيالايدىغان، ئۆگىنىدىغان بولۇپ قالغان.
2007-يىلى، ئۇ «تۇنجى قېتىم» سىنىپقا كىردى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئالدىدا ئىدى. بۇ يىل 20-ماي، شوماكېر ئامېرىكىنىڭ ئاھالىلىكلەر رايونى ئونۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ، باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.