بۇ 23-ماي مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ جەنۇبىي قىسمى سەيجالا رايونىدىكى قەۋەتلىك ئېھرام يېنىدىكى قەدىمىي قەبرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى. شۇ كۈنى، مىسىرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەدەنىي بويۇملار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى جاشى.خاۋاس بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر يېڭى خانلىىق دەۋرىدە (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500 يىل ئەتراپىدا) سېلىنغان قەدىمىي قەبرىنىڭ ئاممىغا ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قەدىمىي قەبرە ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن قەدىمىي ئېھرامنىڭ ئەتراپىدىكى ساياھەت رايونىنىڭ نامى چىقىپ، نۇرغۇن دۆلەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ مىسىرغا كىلىپ سەيلە قىلىش ئىستىكىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مىسىردىكى كۆپ قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى يېقىندا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى تەسىرگە ئۇچرىغان ساياھەت كەسپىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.