تالىبانلار ئاففانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى
2011-05-24 17:56:04 www.basbas.cn نادىل
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 24-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئاففانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەد. زايىدنىڭ ماشىنا ئەترىتى پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، لېكىن زايىد ھۇجۇمدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، يارىلانمىغان، ۋەقەدىن كېيىن تالىبانلار بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئاففانىستان پايتەختى كابۇل ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە، بىر نەپەر قوغدىغۇچى گۇمانلىق بىر ماشىنىنىڭ زايىد ئولتۇرغان ماشىنا ئەترىتىگە ئۇدۇل كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئوق چىقىرىپ ماشىنى توختاتقان، شوپۇر يارىلانغان بولۇپ، قولغا ئېلىنغان، ماشىنا ئىچىدە زور مىقداردىكى پارتىلىتىش بومبىلىرىنى بايقىغان.
ئېنىقلىنىشىچە، نۆۋەتتە يارىلانغان شوپۇر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.