2011- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى خەۋىرى: مېكسىكا ساقچى تەرەپ يېقىندا غەربىي قىسىمدىكى ھالىسىك شىتاتىدا بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئىشلىتىدىغان تانكىنى بايقىدى. ساقچى تەرەپنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ خىل تانكا بەلكىم زەھەر ئەتكەسچىلىرى گۇرۇھلىرى ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ قالغاندا، ئىشلىتىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.بۇ زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئىشلىتىدىغان تانكا كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىدىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ سىرتى تۆمۈر بىلەن قىلىن قاپلانغان. بۇ ھەرخىل بومبا ۋە ئوقلاردىن مۇداپىئە قىلالايدۇ. بۇ تانكا خالىسىك رايونىغا تاشلاپ قويۇلغان بولۇپ، يەرلىك بىخەتەرلىك ئەترىتى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھىلىغىچە داۋاملاشماقتا. بۇ شىتات ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈگەن زەھەر ئەتكەسچىسى گۇرۇھىنىڭ كاتتىبىشى Ignacio "Nacho" Coronel نىڭ بازىسى بولۇپ، ئۇ مېكسىكىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن بەش چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ بىرى.2010- يىلى 7- ئايدا ئۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ شىتاتنى كونتىرول قىلىش ھۇقۇقىنى تالىشىپ زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.