cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرى، تويوتا، مىكروسوفت، Salesforce.com لار بىرلىشىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قۇرۇپ چى بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق ماشىنا شوپۇرلىرى Twitter ۋە facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئۈچ شىركەتنىڭ پىلانىچە، مەزكۇر مۇلازىمەتنىڭ چىقىمى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. تويوتا شىركىتىنىڭ ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ماشىنىسىدا بۇ سىستېما تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىدىكەن.
شىركەت نۆۋەتتە ماشىنىنىڭ سۆزلىشىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە تېخى ئېنىق مەلۇمات ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ماشىنىدا سېنزور ۋە ئاپتوماتىك تېخنىكا جەزمەن قوللىنىلىدىكەن.