مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى پالامېنت ئەزاسىنى يېقىتىۋەتتى

2011-05-24 17:02:57   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

شىنخۇا تورى 24-ماي تېلىگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنىدا، ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئادام.مارتويۇنيۇك پارلامېنت ئەزاسى ئولېگ.لىياسكونىڭ بوينىنى قايرىپ، ئۇنى يەرگە يېقىتۋەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئادام.مارتويۇنيۇك ئەينى ۋاقىتتا كىيېۋدا ئۇكرائىنانىڭ پارلامېنت يىغىنىدىكى بىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا خىزمەتدىشىغا زوراۋانلىق قىلىش ھەركىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئېكرانغا ئېلىنىپ قالغان. يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى ئولېگ.لىياسكو بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئادام.مارتويۇنيۇكنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. كېيىن ئولېگ.لىياسكو رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ ئېغۋا تارقىتىپ، ئادام.مارتويۇنيۇكنى ساختىپەز، پەسكەش ئادەم، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادام.مارتويۇنيۇك ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن، ئۇنىڭ بوينىنى سىقىپ، ئىككى قولىنى ئۇنىڭ چېككىسىگە تەڭلىگەن. ئارقىدىنلا ئولېگ.لىياسكو يەرگە يېقىلىپ چۈشكەن.
ئولېگ.لىياسكو ئورنىدىن قوپقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە داۋاملىق يىغىن زالىدا ئۇرۇشۇپ، تالاش-تارتىش قىلغان. باشقا پارلامېنت ئەزالىرى تېزدىن ئۇلارنى ئايرىۋەتكەن. زال ئىچى بىر ئاز تېنىچلانغاندىن كېيىن، ئولېگ.لىياسكو ئۆزىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئادام.مارتويۇنيۇكنىڭ قىلغانلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشقان كۆرۈنمە چاستوتىلىق ماتىرىيالى توردا تېز سۈرئەت بىلەن تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن تورداش ۋە ئاممىنىڭ بۇ ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنى مەسخىرە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر ئۇكرائىنالىق تورداش مۇنداق دېگەن: «مەن بىر ئۇكرائىنانىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىشتىن خىجىللىق ھېس قىلىۋاتىمەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق پارلامېنت ئەمەلدارلىرىنى ئىشلىتىشى مىنىڭ خاتالىقىم ئەمەس».