جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي تېلىگراممىسى، شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن20-كۈنىگىچە، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق 4 ئوبلاست، 9 ناھىيە مۆلدۈرلۈك ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 9 دىكى سىتاستىكىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە 70 مىڭ 700 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 50 دىن ئارتۇق ئۆي بۇزۇلۇپ كەتكەن، 17مىڭ 300 گىكتار يەردىكى زىرائەت ۋەيران بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 7 مىڭ گىكتار تېرىلغۇ يەردىن ھوسول ئالالمىغان.