« ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە جەنۇبىي ئامپتوندىكى بىر جۈپ ئەر -خوتۇن توي بىكىتىلىپ28 يىلدىن كېيىن ئاخىرى توي قىلدى. كۆيۈ ئوغۇل ئەيۋېن. بۇران بۇ يىل 63 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئايال بابارا بۇ يىل 55 ياشتا ئىكەن. ئىككەيلەن دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ،28 يىل بۇرۇن توي قىلىشنى بىكىتكەن. 28 يىلدىن بىرى ئۇلار خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئىزچىل توي ئىشىنى كەينىگە سۈرۈپ كەلدى. ئالدىنقى يىلى بابارا مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئىككەيلەن توي كۈنىنى بېكىتتى. 1981- يىلى بۇ بىر جۈپ ئەر خوتۇن خان جەمەتى بىرانپتۇن دوختۇرخانىسىدا تونۇشۇپ قالغان. 30 يىلدىن كېيىن ئۇلار ئاخىرى شىرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولدى. بابارا پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىر يىل بۇ تويغا تەييارلىق قىلغان. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئۇلار ئاخىرى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار تويغا كەلگەن مىھمانلارنى ئۆزلىرىگە سوۋغا ئېلىپ كەلمەي، بىر بالىلار دوختۇرخانىسغا ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.